ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى Yahoo نى تەنقىد قىلدى
2006.02.10
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىنتېرنەت شىركىتى Yahoo نى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنەت يازغۇچىسى لى جىنى قولغا ئېلىشىغا ياردەم قىلىش بىلەن بىلەن ئەيىپلىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، يازغۇچى لى جىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى " كۆرۈنگەن تاغنىڭ بىر بۇرجىكى"، دەپ ئاتىغان. ئۇ، تېخىمۇ كۆپ زاتلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تېپىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ، دەيدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى تام لانتوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىنتېرنەت شىركەتلىرىنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلاپ، سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " بىز بۇ شىركەتلەرنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز، دىدى.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېلەر ھەپتە گۇۋالىق بېرىش يىغىنى چاقىرىدىكەن. كېلەر ھەپتە چارشەنبە كۈنى چاقىرىلىدىغان گۇۋالىق بېرىش يىغىنىدا، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى Yahoo شىركىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى زادى قانداق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بۇنىڭغا قانچىلىك ئادەمنىڭ چېتىلىدىغانلىقى ۋە Yahoo نىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سورىشى مۈمكىن.
چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، سىچۈئەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى لى جى، خىتاينىڭ پارىخورلۇقى ھەققىدە ماقالە يازغان ۋە Yahoo شىركىتى ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا Yahoo شىركىتى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن لى جىنى قولغا ئالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرى دۆلەت مەجلىسى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى تارتتى
- چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Google نىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- خىتاينىڭ ئىنتېرنېت خەۋەرلىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- Yahoo بېيجىڭنىڭ ئۆكتىچى مۇخبىرنى تۇتۇشىغا ياردەملەشتى دەپ ئەيىبلەندى