ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدا زىيارەتتە
2007.10.30
ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا، سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قاراتقان تۆت كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پادىشاھ ئابدۇللا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان نۇتۇقىدا خىتاينى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە " مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشنىڭ تېزراق ھەل بولۇشىدا رول ئوينىيالايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
پادىشاھ ئابدۇللانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى خىتاي - ئىئوردانىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 30- ئۆكتەبىر خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى ئۈستىدە توختالغىنىدا يەنە تەكىتلەپ: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرقتىكى مەركىزى مەسىلە، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى" دېگەن.
خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ ئېئوردانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىردەك ئوتتۇرا شەرق كرىزىسىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋنىڭ بايانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللانىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھەلەر بۇيىچە ئۆز - ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. پادىشاھ ئابدۇللا زىيارەت جەريانىدا شاڭخەيگىمۇ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن ئىئوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي كېلىشىملەرگە قول قويىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوندالىزا رايس ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى
- ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ
- پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى
- لىۋاندا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم سۈرىيىنى زىيارەت قىلدى
- توققۇز دۆلەت ئەرەب دېڭىزىدا دېڭىز تېررورچىلىقىغا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزدى
- ئىراقتا زوراۋانلىق كۈچەيگەن بىر پەيتتە كوندىلىزا رايىس باغداتقا يېتىپ باردى