ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاينى پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى
2004.10.03
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇل مۇئامىلە ۋە پۇل قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى.ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى يەر شارى ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. بىراق ئۇ، پۇل قىممىتىئىنىڭ بازار باھاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىئىكى مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جون سنوۋ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھازىرقى پۇل تۈزۈمىدىن نارازى بولسىمۇ، بىراق بۇ ساھەدىكى بەزى ئەمىلى ئىلگىرلەشلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي مالىيە مىنىستىرى جىن رېنچىڭ بىلەن خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ مۇدىرى يېقىندا ۋاشىنگتوندا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە ۋە مەركىزى بانكا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
يىغىندا 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن بولغان ھازىرقى ئالماشتۇرۇش قىممىتىدىن نازار بولغان. خىتايدا بىر دوللارنىڭ خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىغان چاغدىكى قىممىتى 8 سوم 20 تىيىن بىلەن 8 سوم 40 تىيىن ئارلىقتا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خەلق پۇلنىڭ بازاردىكى قىممىتى دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ بالانىسىنىڭ يىلمۇ - يىل ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئامېرىكىلىق كارخانىچىلارنى شۇنداقلا دىھقانچىلىق پېرما ئىگىلىرىنى نارازى قىلغان. ئۇلار، بۇ ئەھۋال خەلق پۇلىنىنىڭ بازاردىكى قىممىتى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن ھىساپلانغانلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پوۋېلل بىلەن لى جاۋشىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا چۈشۈپ قالدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- ٪ 58 جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىكەن
- ۋاتىكان ، خىتاي دائىرىلىرىنى كاتولىكلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى، خىتاينىڭ ئىرانغا باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئىكىسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى