ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنت جورجى بۇش، دۈشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭنى كۈتۈۋېلىپ، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى. پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھىندىستان باش مىنىستىرىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ھىندىستان قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئىقتىسادى چوڭ دۆلەت،" دەپ جاكارلىغان.

پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دېموكراتىك دۆلەت ھىندىستان بىلەن مۇناسۋىتىنى ئۆزگەرتىشنى جىددى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندىستانننىڭ گۈللىنىۋاتقان پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي، ئىقتىسادى ۋە بازار ئىگىلىكى، ئاسىيادا خىتاينى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىستراتېگىيىلىك كۈچ بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئېتىبارىنى قوزغىماقتىكەن. (ئەركىن)