ئامېرىكا مەتبۇئاتى، خىتاينىڭ ئىرانغا باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئىكىسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى


2004.08.23

ئامېرىكىدىكى "ۋاشىنگتون ۋاقتى" گېزىتى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بىر شىركىتىنىڭ يېقىنقى يېرىم يىل ئىچىدە ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئائىت تېخنىكىلارنى ئىكىسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، خەۋەردە خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خارەكتىرلىق قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش كىلىشىمىگە خىلاپ ھالدا، ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان. شۇنداقلا يەنە ، خىتاينىڭ قايسى شىركىتىنىڭ قانداق كونكىرت تېخنىكىلارنى سېتىپ بەرگەنلىكىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

پەقەت ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرىدىن، خىتاي شىركىتىنىڭ ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پىرىزىدېنتى جوج بۇش "رەزىللەرنىڭ ئۇگىسى" دەپ ئاتىغان ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئىقتىسادىي جازا بەرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.