ئىران، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى
2004.11.24
ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىۋىگە ئىران ھۆكۈمىتى قارشىلىق بىلدۈرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى سىيىت ھۇسەيىن مۇساۋىئان سۆزىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە تەشكىلاتى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ مەخپىي ھالدا يادرو پروگراممىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ھەتتا بۇ مەسىلىنى ب د ت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدا ھەل قىلىش تەكلىۋىنى سۇنغان ئىدى. ئەمما بۇ ئىران ۋەكىلى ئېيتقاندەك ئىران ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
ئىران ۋەكىلى مۇساۋىئان يەنە، ئامېرىكىنىڭ يادرو پروگراممىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى رەت قىلىپ، ئىراننىڭ ھېچقاچان يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە، بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىرانغا يادرو قوراللىرىنى ياساش تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىپلىگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
- ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
- كولىن پوۋېل لى جاۋشىڭ بىلەن شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
- شىمالىي كورىيىنىڭ 2 - نۇمۇرلۇق رەھبىرى كىم يۇڭنەم خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
- ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى