خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى چىقتى
2004.11.26
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، ئالدىنقى كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە خىتاي، ئىران بىلەن ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنى ئومۇمى يۈزلۈك ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
جاڭ چىيۆنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىلەر بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، خىتاي دائىرىلىرىگە ئىراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان مۇناسىۋتەلىك كېلىشىمى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئىران خىتايغا نېفىت - ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا خىتاي ئىراننى نازۇك تەخنىكىلىك ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت. يېقىندا خىتاي بىلەن ئىران 20 مىليارد دوللارلىق نېفىت- ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئامېرىكا ئىرانغا نازۇك تەخنىكىلىك ھەربىي ئەسۋابلارنى ساتقان بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى
- پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
- ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
- كولىن پوۋېل لى جاۋشىڭ بىلەن شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
- شىمالىي كورىيىنىڭ 2 - نۇمۇرلۇق رەھبىرى كىم يۇڭنەم خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
- ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى