رايىس، "ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش كۈنتەرتىپتىكى پىلانىمىزدا يوق" دىدى
2005.02.04
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، "ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش كۈنتەرتىپتىكى پىلانىمىزدا يوق، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ سۆزنى جۈمە كۈنى لوندوندا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونېي بلايىر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تەكىتلىدى.
ئەنگىلىيە، كوندىلىزا رايىسنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىنكى چەتئەلگە قىلغان تۇنجى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى. رايىس جۈمە كۈنى لوندوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، "ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى رايوندىكى شۇنداقلا دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.
رايىس، ئىرانغا ھەربىر ھۇجۇم قوزغاش ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى پىلانىدا يوقلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مەسىلىسىنى ھازىرچە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مۈمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىران مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. پرېزىدېنت بۇش ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى نۇتۇقىدا ئىراننى يۇقىرى مەسىلىلەر بويىچە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار يەنە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگوسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارى، بىراق رايىس، ئىمبارگونى بىكار قىلىشنىڭ رايوندا ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كوندولىزا رايسنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولىشىنى ماقۇللىدى
- كوندولىزا رايس ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ھېنرى ھايد خىتاينى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئىران، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى
- ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى