ئىراندىكى سايلام نەتىجىسىدە ماخمۇد ئەخمەدى نىجات پرېزىدېنتلىققا سايلاندى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىراندىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشىپ، تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى ماخمۇد ئەخمەدى نىجاتنىڭ ئىراننىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

2003-يىلىدىن ئېتىبارەن تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ماخمۇت ئەخمەدى نىجاتنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرى ئانچە يۇقىرى ۋە كەڭ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىر كۈچى زور ھېسابلىنىدىغان كونسىرىۋاتىپلار گۇرۇھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ كەڭ خەلقنى ئاۋاز بېرىشكە قوزغىشىدەك ئەۋزەللىككە سازاۋەر بولغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.

ئەخمەدى نىجاتنىڭ ئىران پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشى خەلقارا جەمىيەتنىڭ بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مۆتىدىل مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان سىياسىي گۇرۇھلارغا قارشى بولغان كونسىرىۋاتىپلار ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇشى ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ سايلامغا بولغان گۇمانى ۋە ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىدىن يېڭى تاشقى سىياسىي كۆز قارىشىنى شەرھىيلەشنى تەلەپ قىلغان .

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى ئىراندىكى سايلامغا بولغان گۇمانىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاش، ئاتوم ئېنېرگىيىسى ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ئورتاق ئىش ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېڭى پرېزىدېنت ماخمۇت ئەخمەدى نىجات ئۆز باياناتىدا "ھەر بىر دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش يولى بارلىقى ، شۇڭا ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقى"نى شۇنىڭدەك ئىراننىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى پىلانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)