ب د ت يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشمەكچى
2005.08.10
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو ئېنېرگىيە كۆزىتىش ئىدارىسى بولغان "خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى" چارشەنبە كۈنى ئىراننىڭ يادرو كىرىزىسى مەسىلىسىدە يېپىق سۆھبەت ئېلىپ باردى.
35 دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان مەزكۇر ئىدارە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا بۇ سۆھبەتنى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئىراننى قانداق قىلىپ يادرو پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى توختىتىشقا كۆندۈرۈش مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەشمەكتە.
بۇ ئارىدا ئىران دائىرىلىرى خەلقئارانىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، چارشەنبە كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى پېچەتلەپ قويغان يادرو ئەسلىھەلەرنى قايتا قوزغاتقان. ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى گەرچە بىر قارارغا كېلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلەرنى قايتا قوزغۇتۇش قىلمىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئورۇن جازا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە.
ئىران دائىرىلىرى ئىسفاخاندىكى يادرو ئېنېرگىيە زاۋۇتىنىڭ ئۇران ئايرىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى دۈشەنبە كۈنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا خەلقئارا جامائىتى قارشى تۇردى. گەرچە ئىران ئۆزلىرىنىڭ يادرو پروگراممىسىنىڭ پەقەت يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوخشاش تىنچ يولدىكى ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائىتى بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى، يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى. (پەرىدە)