ئىران پرېزىدېنتى غەرب ئەركىنلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئىراننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد غەرب ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد يەكشەنبە كۈنىدىكى پارلامېنت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى، بۇنىڭ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان.

تەھلىلچىلەر ئۇنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ فرانسىيە، ئەنگىلىيە ھەم گېرمانىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بۇ خىل ئادالەتسىزلىكى ۋە زۇلۇمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماخمۇد ئەخمەدىنىجادنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولغانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ئۇنىڭ ئەنئەنىچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ، ئىسلاھاتقا قارشى شۇنىڭدەك قاتتىق پوزىتسىيىدىكى پرېزىدېنت ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشىپ، ئىراننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىشىنى پەرەز قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)