35 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا بىر پارچە قارار ماقۇللىدى. بۇ قارار 22 ئاۋازنىڭ قوللىشى ۋە بىر ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. قالغان 12 دۆلەت بولسا، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
مەزكۇر قاراردا، ئىراننىڭ يادرو بىخەتەرلىك قوغداش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ھازىرلا تاپشۇرۇشنى پىلانلىمىغان.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر ئىدارە 11 -ئايدا يەنە بىر قېتىم بۇ ھەقتە يىغىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىران مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماي تۇرىدىكەن.
ئىران ۋەكىلى بۇ بېلەت تاشلاشتا ھەممىسىنىڭ بىردەك پىكىرگە كېلىپ بولالماسلىقىنىڭ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى تەبرىكلەپ، مەزكۇر بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنىڭ "ئالدىغا قاراپ بېسىلغان بىر چوڭ قەدەم" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇنداقلا ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ، ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىغا ئەزا كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارنى قوللىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. (پەرىدە)