ئامېرىكا پۈتۈن دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن يادرو ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى
2005.10.03
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۈشەنبە كۈنى دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەردىن ئىران بىلەن يادرو ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان قارارىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسى -24 سېنتەبىر كۈنى ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئىنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سىياسىي ئانالىزچىلار، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر قارارىنى، ئىراننىڭ ئاتوم مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ كېلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ قارىماقتا.
ئىراننىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇسىيە، ئۆتكەن ئاي خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ ئىراننىڭ ئاتوم مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىغا ئاۋاز قوشۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىران بىلەن بولغان يادرو ھەمكارلىقىنى توختىتىشى ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننى يادرو قورال ياساشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە. ئەمما ئىران ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
بۇ ئارىدا، ئىران ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى مەسىلىسىدە بېسىمىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە، ئامېرىكىنىڭ مەنپەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىدە قارار ماقۇللىدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى قايتا باشلاندى
- ئىران پرېزىدېنتى غەرب ئەركىنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئىراننىڭ خەلقئارادا يالغۇز قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇردى