ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشمەكچى
2005.12.20
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئىران يادرو مەسىلىسىدە مۇشۇ ھەپتە ئىران دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىش چارشەنبە كۈنى ۋېنادا ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتكە يول ئېچىش مەقسىتىدىكى دەسلەپكى سۆھبەت ھېسابلىنىدىكەن.
ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىران ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ، ئىراننىڭ تالاش-تارتىشتىكى يادرو پروگراممىسىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا بولسا، ئىراننى مەخپىي ھالدا ئاتوم بومبىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلەيدۇ. ئەمما ئىران بۇنى ئىزچىل رەت قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش "ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇكى، ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. بۇش سۆزىدە يەنە، ئىران رەھبەرلىك قاتلىمىغا بولغان دېققىتىنى ئەسكەرتىپ، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاتنىڭ يېقىندا قىلغان ئىسرائىلىيىنى بەربات قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى
- ئامېرىكا پۈتۈن دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن يادرو ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى
- خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىدە قارار ماقۇللىدى
- ئىران پرېزىدېنتى غەرب ئەركىنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئىراننىڭ خەلقئارادا يالغۇز قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇردى