ئىران پارىس تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قۇرىدۇ
2006.01.08
قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۆزى بىلەن تىلى، دىنى ۋە ئېتنىك تارىخى ئوخشاش بولغان تاجىكىستان، ئافغانىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى ئەلچىسى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدنىجادىنىڭ ئىمام ئەلى راخمانوپنىڭ ئىران، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ پارىس تىللىق دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى شۇنىڭدەك ئىراننى زىيارەت قىلىشى ھەققىدىكى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 17-يانۋار كۈنى مەزكۇر ئۈچ پارس تىللىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى تېھراندا ئېچىلىدۇ. ئىمام ئەلى راخمانوپ، ماخمۇد ئەخمەتنىجادىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئىران بىلەن يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىمام ئەلى راخمانوپ بىلەن ئىران ئەلچىسىنىڭ سۆھبىتىدە ئىراننىڭ تاجىكىستاندىكى ئاھالىلار زىچ رايوندا خەيرىخاھلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىشى، يول ياساش، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش شۇنىڭدەك سودا ھەمكارلىقلىرىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. (ئۈمىدۋار)