ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئەپسۇسلاندى

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەر ئىككىلا دۆلەت ئىراننىڭ يادرو تەتقىقات پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەگەر ئىران بۇ پروگراممىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىرانغا قارىتا جازا قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما ئىران ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خەلقئارادىكى كۈچلۈك قارشىلىققا قارىماستىن 2 يىلدىن بۇيان توڭلىتىپ قويغان يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى سكوت ماكلىلان " ئەگەر ئىران خەلقئارا شەرتنامىلەرگە رىئايە قىلمىسا، ئۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ ئەھۋالنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ھەل قىلماي باشقا ئامالىمىز يوق" دېدى.

رۇسىيە دائىرىلىرىمۇ ئامېرىكا بىلەن بىر تەرەپتە تۇردى ھەمدە رۇسىيە تاشقى ئىشلا ر مىنىسىتىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېېيىن، چارشەنبە كۈنى ئىران ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى مۇشۇ ھەپتە ئىران مەسىلىسىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. ئۇلار سۆھبەتتە ئاساسلىقى ئىراننىڭ بۇ مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش-سۇنماسلىق مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلىشىدۇ. (پەرىدە)