ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىراننىڭ سۆھبەت تەكلىپىنى رەت قىلدى
2006.01.18
ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش تىرىشچانلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.
ئىراننىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت سۇنۇپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. لېكىن خەتتە، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يادرو پىلانىنى توڭلىتىش كېلىشىمىگە بويسۇنىدىغان ياكى سۇنمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىكى ۋەكىلى " ئىشىنىمىزكى خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسى كېلەر ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنىدۇ" دەپ بىلدۈردى. ئەمما ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ كىچىكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىران دائىرىلىرى بۇ ئاينىڭ باشلىرى خەلقئارادىكى قارشىلىقلارغا قارىماستىن، 2 يىل داۋاملاشقان يادرو تەتقىقاتىنى توختىتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، يادرو تەتقىقاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنداقلا تېھران دائىرىلىرى بۇ يادرو پىلانىنىڭ پەقەت تىنچ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە خىتاي ۋەكىللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى كۆرۈشتى
- ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئەپسۇسلاندى
- ئىران پارىس تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قۇرىدۇ
- ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشمەكچى
- ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى