ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران يادرو مەسىلسىنى تىزدىن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا، بۇ مەسىلىگە سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كوندالىزا رايس 19- يانۋار كۈنى ۋاشنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىران مەسىلسىدە بىزنىڭ مەيدانىمىز ناھايىتى ئوچۇق.بۇ مەسىلىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش ۋاقتى يتىپ كەلدى، دېدى.
روېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوندالىزا رايس رۇسىيىنىڭ تەكلىپى توغرىسىدا بىرنېمە دېمىگەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىر كۈن بۇرۇن رۇسىيىنىڭ ئىران مەسىلسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ھاۋالە قىلىش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى . چۈنكى رۇسىينىڭ تەكلىپى ئىران يادرو مەسىلسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە رەسمىي ئېلىپ بېرىشنى ئەمەس، ئىران مەسىلسى ھەققىدە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بېرىشنىلا مەقسەت قىلىدىكەن .
ئەگەر ئىران مەسىلسى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە رەسمىي ئېلىپ بېرىلسا، بۇ ئىرانغا قارىتا ئىمبارگو يولغا قويولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولىدىكەن. ئەمما بىخەتەرلىك كېڭىشىگە مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئىمبارگو يولغا قويۇش ئۈچۈن يېتەرلىك قانۇنىي ۋاسىتىلارغا ئىگە بولالمايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئىران مەسىلسىنىڭ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكرارلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىران بىلەن يېقىن سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي، ئىرانغا قارىتا يولغا قويولىدىغان ئىمبارگونىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. (قانات)