ئىران ھۆكۈمىتى يادرو مەسىلىسىدە بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقمايدىغانلىقىنى جاكارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرىنى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتكە چاقىرماقتا.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەنوچىر مۇتتەقى 23 - يانۋار كۈنى تىھراندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بىز ياۋرۇپالىق دوستلىرىمىزنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە چاقىرىمىز، دېدى.
لېكىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى باش مۇزاكىرىچىسى ئەلى لارىجانى، ئەنگىلىيىنىڭ " مالىيە ۋاقتى " گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئىران غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقمايدۇ، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بارسىمۇ، ئىران ئۇرانيۇم تاۋلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ، دېدى.
گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە، ئىران ئۇرانيۇم تاۋلاش پائالىيىتىنى قايتىدىن توڭلاتمىغىچە، ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلماقتا. ئامېرىكا بولسا، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىراننىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان توڭلىتىپ قويغان ئۇرانيۇم تاۋلاش ئىشىنى قايتىدىن باشلىشى بىلەن بىرلىكتە، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشى، دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ كۈنسېرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. (قانات)