ئىران دائىرىلىرى، رۇسىينىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىگە قارىتا ئاكتىپ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ 25 - يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيىدە سۆھبەتتە بولىۋاتقان ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى ئالى لارىجانى، گەرچە يادرو مەسىلىسىدىكى بۇ سۆھبەتتە ھېچقانداق كېلىشىم تۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن فېۋرال ئېيىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق ئالى لارىجانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى يىغىنىدا ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلسا ، ئۇ ھالدا ئىران چوقۇم تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئورانىيۇم تاۋلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر گېرمانىيىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 3 - فېۋرال كۈنى لوندوندا ئىرانغا قانداق تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزمەكچى.
غەرب دۆلەتلىرى، ئىراننىڭ قايتا ئورانىيۇم تاۋلاش ھەرىكىتىگە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ئىران مەزكۈر ھەرىكىتىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىر دەپ كۆرسىتىپ، يادرو پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)