ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەر ئىران يادرو كرىزىسى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى


2006.01.31

خىتاي، رۇسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى لوندوندا ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىرانغا ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسى بۇ يىل 3 - ئايدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرىدىغان ئىران ھەققىدىكى دوكلاتىنى كۈتىدۇ ۋە كېيىنكى قەدىمىنى شۇنىڭغا كۆرە باسىدۇ.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋپىسزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزانىڭ تۇنجى قېتىم ئىران يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىران يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئەمما رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىشىنى قوللىمىغان ئىدى.

ئىران يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر تەرەپ قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق، دەپ قارىماقتا. ئىراننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى غۇلامرىزا ئاغازادە، " غەرب بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۇلارنىڭ ئىراننى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللاشتا ھېچقانداق بىر قانۇنى ئاساس كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكتە " دەيدۇ.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىران تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مۇتەققى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىراننىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىدىن تىنچ مەقسەدلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراننىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، دېدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.