ئىران پرېزىدېنتى، يادرو مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمىنى رەت قىلدى


2006.02.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇت ئەخمەدىنىجات، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش توغرىسىدىكى بېسىمىنى رەت قىلدى. 31‏- يانۋار كۈنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئىران بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي كېلىشىملەر ئىمزالىغان رۇسىيە ۋە خىتاي ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلپ كەلگەن. ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش، بۇ دۆلەتكە قارشى ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات 1‏- فېۋرال كۈنى پارس قولتۇقىدىكى ئىراننىڭ بۇشەھەر شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ 27 يىل بۇرۇن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەنلىكىنى، يادرو مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرىغا تولۇق ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ پوپوزىسى تۈپەيلىدىن ئارقىغا چىكىنىشى مۇمكىن ئەمەس، دېدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى، 2‏- فېۋرال كۈنى جىددىي يېغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە خەۋەر قىلىش، قىلماسلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.