ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇت ئەخمەدىنىجات، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش توغرىسىدىكى بېسىمىنى رەت قىلدى. 31- يانۋار كۈنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئىران بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي كېلىشىملەر ئىمزالىغان رۇسىيە ۋە خىتاي ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلپ كەلگەن. ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش، بۇ دۆلەتكە قارشى ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات 1- فېۋرال كۈنى پارس قولتۇقىدىكى ئىراننىڭ بۇشەھەر شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ 27 يىل بۇرۇن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەنلىكىنى، يادرو مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرىغا تولۇق ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ پوپوزىسى تۈپەيلىدىن ئارقىغا چىكىنىشى مۇمكىن ئەمەس، دېدى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى، 2- فېۋرال كۈنى جىددىي يېغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە خەۋەر قىلىش، قىلماسلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. (قانات)