ئىران ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ


2006.02.02

خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسىغا ئەزا دۆلەتلەر، تېھراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىش مۈمكىنچىكلىكى تۇغدۇرغان ئەندىشىلەر بويىچە، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى. خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسىغا ئەزا دۆلەتلەر پەيشەنبە كۈنى ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىئاننادا يىغىن چاقىرىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىران يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەمما تەرەپلەر مەسىلىنى جۈمە كۈنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغان. گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھىسىدە ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى " پۈتۈنلەي تىنچلىق مەقسەدلەرگە قوللىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس" دېيىلگەن. ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسى ئىران مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلسا، ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى مۈمكىن. ئەمما ئىران ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىراننى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرسا، دۇنيا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان ئۇران تاۋلاش ۋە يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد، " ئىران يادرو مەسىلىسىدە تەھدىتلەردىن قورقمايدۇ " دېدى. ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارادېي، ئىراننى ئۇران تاۋلاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىران يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش بەك قىيىنغا توختىماسلىقى مۈمكىن. بۇ ئىككى دۆلەت مەزكۇر لايىھىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ يىل 3 - ئايغىچە ئىرانغا قارىتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانماسلىق شەرتى بىلەن قوبۇل قىلدى. يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى گرىگورىي شۇلت، " ئىران دائىرىلىرىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە جىددىي ئىكەنلىكىنى ئېنىق ۋە كەسكىن قىلىپ يەتكۈزۈش ۋاقتى كەلدى " دەيدۇ.

ئىراننىڭ رادىكال ئىسلامچىلىقى بىلەن تونۇلغان پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد، بۇ يىل 10 - يانۋاردا ئۇران تاۋلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك، دەپ جاكارلىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.