خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئىران ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ ئىدارە بىلەن بولغان بارلىق خالىسانە ھەمكارلىقلارنى توختاتتى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانۇشەھر موتتاكى يەكشەنبە كۈنى تېھراندا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن نەچچە يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق خالىسانە ھەمكارلىقلارنى توختىتىدىغانلىقىنى، ئەمما يادرو كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىغا داۋاملىق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تېخى بۇنىڭ ئالدىدا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خەمىد رېزا ئاسېفى، گەرچە ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى شەنبە كۈنى ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلسىمۇ، لېكىن ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچلۈك قارشى تۇرغان ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى جورج W بۇش خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى چىقارغان بۇ قارارنىڭ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوۋ يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيىدە، ئىرانغا جازا قوللىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)