ئىران ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
2006.02.14
يادرو سۆھبىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئىران ۋەكىلىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئىران كىچىك كۆلەملىك ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەزكۇر ئەمەلدار، ئىراننىڭ ناتانز رايونىدىكى يادرو ئەسلىھەسى رەسمىي مەشغۇلات باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى جاۋاد ۋاھىدى، تېھراننىڭ - 20 فېۋرال كۈنى رۇسىيىگە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى يوللايدىغانلىقىنى ۋە ئىران ئۇرانلىرىنى رۇسىيە زېمىنىدا تاۋلاش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللىغاندىن كېيىن، ئىران رۇسىيە زىمىنىدا ئۇران تاۋلاش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان ۋە ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
جاۋاد ۋاھىدى، " پرېزىدېنت پارلامېنتنىڭ تەستىقى بىلەن يادرو مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى " دەيدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا ئىران پارلامېنتى بىر قانۇن ماقۇللاپ، ئەگەر خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىراننى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرسا، يادرو مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. ئىراننىڭ ھەرىكىتى تەرەپلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران ئامېرىكىنىڭ سەۋر - تاقىتىنى تاشۇرىۋاتىدۇ. " بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، راي سىناش يوقلىمىسىغا قاتناشقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ 60 % ى ئىران يادرو قوراللىرىغا ئېرىشسە، ئامېرىكىغا قارشى ئىشلىتىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن ۋاھىدى، ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتى باشلىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما ۋېئاننادىكى دىپلوماتلار ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران، ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختاتتى
- ئىران ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ
- ئىران مەسىلىسى مۇرەككەپلەشمەكتە
- ئىران پرېزىدېنتى، يادرو مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمىنى رەت قىلدى
- ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دۆلەتلەر ئىران يادرو كرىزىسى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى