ئىران پارلامېنتىنىڭ مۇھىم ئەربابى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى


2006.02.19

ئىران پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر مۇھىم ئەربابى يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئەمما، ئىران بۇ زىيارەتنىڭ كۈن تەرتىپىنى تېخى ئېلان قىلمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر زىيارەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاچىدىغان يىغىنىدىن بۇرۇن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىران ئۇران تاۋلاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

3-ئايدا ئېچىلىدىغان يىغىندا بىخەتەرلىك كېڭىشى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە ئاخىرىدا قارار چىقىرىدۇ. ئىران ئۆزىگە پايدىسىز قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەركەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.