رايس: ئىران ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رىقابەت بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئىراننىڭ ئامېرىكا دۈچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ رىقابەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا رايس يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەمدە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشى رادىكال گۇرۇپپىلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەتتا ئىراننىڭ ئىراقتىكى ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھۈمەينى ، رايستىن بۇرۇن سۆزگە چىقىپ، ئامېرىكىنى ئىراننىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

35 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇندى. ئەگەر بىخەتەرلىك كېڭىشى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، ئىراننىڭ ھەرىكىتىنى يادرو كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسىغا خىلاپ دەپ كۆرسەتسە، ئۇ ھالدا ئىرانغا قارىتا جازا قوللىنىدۇ. (ئەقىدە)