ئىران سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رازى بولدى


2006-03-22
Share

ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىيسى ھامېينى ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامېينى ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەندە بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئەگەر ئىران دائىرىلىرى ئامېرىكىنى ئىراننىڭ ئىراق مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلالىسا، بۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ" دېگەن، ئۇ يەنە ئەگەر بۇ سۆھبەتنىڭ ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ۋە ئىران تەرەپ بۇ سۆھبەتنىڭ پەقەت ئىراق ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش يوللىرىنى مەركەزلىك ھالدا مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش مەزكۇر سۆھبەت ئارقىلىق ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىراننىڭ ئىراقتا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ توغرا –خاتالىقىنى ئىرانغا چۈشەندۈرۈپ قويۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت بۇش ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى ئىراقنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان ھەمدە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىش ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانىڭ ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى دىنىي مەزھەپ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان ئىراق قوراللىق ئىسيانچىلىرى ئامېرىكا ھەم ئىراق ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، 50 ئىسيانچى قولغا چۈشكەن. جەڭ ئىككى سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، قولغا چۈشكەنلەر ئىچىدە بىر نەپەر سۈرىيىلىكمۇ بار ئىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت