بۇش : ئىران مەسىلىسىدە ھەر قانداق تاللاش يولىنى چەتكە قاقمايمىز

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى توساش مەسىلىسىدە ھەر قانداق تاللاش يولىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پرېزىدېنت بۇش بۇ سۆزلەرنى سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىرانغا تاكتىلىق يادرو بومبىسى ئىشلىتىش پىلانى بار - يوقلىقىنى سورىغان بىر مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلىدى.

لېكىن بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئالدىنقى ۋەزىپىسى مەسىلىنى يەنىلا دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئىكەن. بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا پېتىنغان دۈشمەنلەرنىڭ قولىنى يەنجىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجاد سۆزىدە ئىسرائىلىيىنى يوقىتىشنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان. ئىران پرېزىدېنتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تېھران ھۆكۈمىتى يادرو قوراللارغا ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى مەسىلىسىدە ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىكەن.

نۆۋەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 5 دۆلەت بىلەن گېرمانىيە موسكۋادا ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران تاۋلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىران يادرو كرىزىسىدا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىشىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. لېكىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش ياكى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي يېقىندا مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى سۈي تيەنكەينى ئىرانغا ئەۋەتكەن. (ئەركىن)