رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ياردىمىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ياردىمىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى، "ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنۇتۇش ھوقۇقى بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

رۇسىيە باياناتچىسىنىڭ يۇقىرىقى ئىپادىسى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى بۇرنېسنىڭ چارشەنبە كۈنى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇش تەشەببۈسىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى بۇرنېس موسكۋا دائىرىلىرى بىلەن ئىران مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە: " ھېچقانداق بىر دۆلەت ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىىسنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىىگە ياردەم كۆرسەتمەسلىكى كېرەك، رۇسىيىنىڭ ئىراندا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇ ئارىدا، رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، ئىراندا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىنى ئاقلاپ، " رۇسىيىنىڭ ئىراندا قۇرماقچى بولغان مەزكۈر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسىگە تامامەن ئۇيغۇن" دېدى. (ئەقىدە)