ئىران چارشەنبە كۈنى ئەگەر ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ ھالدا ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىدىكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ بايانات، ب د ت ئاتوم ئىدارىسىنىڭ ئىراننىڭ ب د ت نىڭ ئۇران تاۋلاشنى توختىتىش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان ، چۈشمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىندى.
ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئايەتوللاھ ئەلى خامېنېي تېلېۋىزوردا قىلغان نۇتۇقىدا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، " ئامېرىكا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەگەر ئۇ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىشىشى مۇمكىن" دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ئۇران ئىشلەپچىقىرىش پروگراممىسىنى يادرو قوراللىرىغا ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىرانغا يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش جازاسىنى بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ تەكلىپنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە قوللىدى، ئەمما رۇسىيە بىلەن خىتاي قارشى چىقتى.
ئىران دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىدا مەيلى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ياكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسى ئۇلارغا جازا قوللانسۇن، ئىراننىڭ بۇ ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، " بىزنىڭ ئالىملىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن بۇ تېخنىكىلارنى ياراتتى. بىزگە سىرتنىڭ ياردىمىمۇ كېرەك ئەمەس" دېگەن ئىدى. گەرچە ئىران دائىرىلىرى بۇ ئاتوم پروگراممىسىنىڭ ئىراندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئىران ئۇزۇندىن بېرى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋە پاكىستاندىكى "ئاتوم بومبا ئاتىسى" دېگەن نامنى ئالغان ئابدۇل قادىر خاننىڭ قارڭغۇ بازار سودىسىغا كۈچلۈك تايىنىپ كەلگەن.(پەرىدە)