ئىران ئاتوم پروگراممىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكتە چىڭ تۇردى
2006.04.27
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش ھەققىدىكى ئاخىرقى چېكى يېقىنلاشقان پەيتتە، ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇد ئەخمەدى نىجاد ئىراننىڭ ھەر قانداق بېسىم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەخمەدى نىجاد سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننى ئاتوم پروگراممىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، "ھېچكىم ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىنى تارتىۋالالمايدۇ" دېدى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى جۈمە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە، ئىراننىڭ ب د ت نىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە دوكلات سۇنىدۇ. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشدە ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايمۇ رۇسىيە بىلەن ئوخشاش پىكىردە تۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە يادرو مەسىلىسىنى ئامال بار بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماسلىق تەرەپدارى بولدى. ئامېرىكا تەرەپ بولسا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا بۇ ھەقتە جازا قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان ئىران دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران ئامېرىكىنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى
- رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ياردىمىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى
- بۇش : ئىران مەسىلىسىدە ھەر قانداق تاللاش يولىنى چەتكە قاقمايمىز
- ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى مەنسىتمىدى
- كوندالىزا رايىس ئىراننىڭ يادرو ھەرىكىتىگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەكىتلىدى