ئىران يادرو كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى تەھدىت قىلدى
ئىران پارلامېنتى يېقىندا، ئەگەر غەرب ئەللىرى داۋاملىق ئىرانغا ئاتوم پروگرامىسىدا بېسىم ئىشلىتىۋەرسە، ئۇ چاغدا ئىراننىڭ "خەلقئارا يادور كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى" دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى تەھدىت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ناۋادا ئىران بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقسا، ئۇ ھالدا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى، ب د ت دىكى يادرو نازارەت ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرىشىگە ئۇچرىمايدىكەن.
ئىران پارلامېنتى ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننانغا يازغان خېتىدە، مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلار تىنچ ھەل بولمىسا، ئىران پارلامېنتىنىڭ ھۆكۈمەتتىن " يادرو كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى" دىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىران پرېزىدېنتى ماھمۇد ئەخمەدىنىجات سۆزىدە، " مەزكۇر كېلىشىم ھەر قانداق بىر ئەزا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت سالسا، ئۇ چاغدا بۇ كېلىشىم ئۈنۈمسىز بولىدۇ" دېگەن.
غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرى ئىرانغا جازا قوللۇنۇش لايىھىسىنى سۇنغان ئىدى. لېكىن بۇنىڭغا قالغان ئىككى ئەزا بولغان رۇسىيە بىلەن خىتاي قارشى چىقىپ، ئەگەر بۇ لايىھىگە چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىسە، ئۇلارنىڭ بۇنى قوللىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران ئاتوم پروگراممىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكتە چىڭ تۇردى
- ئىران ئامېرىكىنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى
- رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ياردىمىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى
- بۇش : ئىران مەسىلىسىدە ھەر قانداق تاللاش يولىنى چەتكە قاقمايمىز
- ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى مەنسىتمىدى