رۇسىيە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قارشى چىقتى


2006.05.16

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىرگى لاۋروف بېيجڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە خىتاي يادرو پروگراممىسى مەسىلىسىدە ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ، دېدى.

لاۋروف سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىراننى يالغۇر قالدۇرماسلىق ھەمدە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق ھەرىكەت ئاممىۋىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغاندە، تەتۈر تەسىرمۇ بېرىپ قويىدۇ، دېگەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ باياناتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش ۋەيا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر قارار چىقىرىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدە بىر قارار قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى،شۇڭا بۇ مەسىلىسىنىڭمۇ ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەستىن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى خالايدۇ، دېدى.

لېكىن ئۇ ئىراننى تەنقىد قىلىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم ئېنېرگىيسى ئىدارىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.