ئىران ياۋروپانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى


2006.05.17

ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد چارشەنبە كۈنى ياۋروپانىڭ يادرو مەسىلىسىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ، بۇنى "شاكىلاتقا ئالتۇن تېگىشكەنلىك" دەپ مەسخىرە قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ تەكلىپىدە، ئەگەر ئىران يادرو تەرەققىياتىدىن ۋاز كەچسە، ياۋروپانىڭ ئىرانغا خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان يىنىك سۇلۇق يادرو ئوچىغىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد تېلېۋىزوردا بەرگەن نۇتۇقىدا بۇنى رەت قىلىپ، " بىزنى شاكىلاتقا ئالتۇن تېگشىدىغان 4 ياشلىق بالا چاغلاپ قالدىڭلارمۇ؟" دېگەن.

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيەلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ تەكلىپكە يەنە نېمە ئېتىبارلارنى كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد يەنە، ئەگەر غەرب ئەللىرى ئىراننى يادرو پروگراممىسىنى بىكار قىلىشقا داۋاملىق كۈچەۋەرسە، ئۇ ھالدا ئىراننىڭ يادرو كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا دۇنيادىكى 6 چوڭ دۆلەتنىڭ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى. بۇ يىغىنغا ئەنگليە، فرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتلىرى قاتنىشىپ، ئىران يادرو كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەشمەكچى ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.