ئىران غەربنىڭ پىلانىنى رەت قىلدى

ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجاد، جۈمە كۈنى ئىران مەتبۇئاتلىرىغا تېھران غەربنىڭ بېسىمى بويىچە يادرو تېخنىكىسىغا ئېرىشىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دەپ جاكارلىدى.

ئىران پرېزىدېنتىنىڭ باياناتى دۇنيادىكى 6 چوڭ دۆلەت ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋېنادا ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدىغان ھەل قىلىش پىلانى بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغاندىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

لېكىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئەگەر ئىران يادرو پروگراممىسىنى توختۇتۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولسا، ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئارىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى مۇدىرى جون نىگرىپونتى، ئىراننىڭ يادرو قورالى ياسىماقچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە يادرو بومبىسى ياساپ چىقىشى مۈمكىن.

ئىران يېقىندا ئۇران تاۋلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، مەقسىدىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەخمەدى نىجاد، ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ، " غەربنىڭ قارشى تۇرۇشتىكى مەقسىدى ئۇلار دېگەندەك يادرو قوراللىرى ئەمەس. ئىراننىڭ بۇ تېخنىكىغا ئېرىشىشى بارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تېخنىكىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىندۇر "دەيدۇ. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان 6 دۆلەت پىلانىنى تىلغا ئالمىدى.

ياۋروپا ئەللىرى بۇ پىلاننى ئالدىمىزدىكى بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە ئىران تەرەپكە يەتكۈزۈشى مۇمكىن. كوندىلىزا رايىس ئىراننىڭ 6 دۆلەت پىلانىغا بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىران بۇ پىلاننى رەت قىلسا تېخىمۇ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن. (ئەركىن)