ئىران ئۇرۇش قوزغىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىران ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ھامەينى يەكشەنبە كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاياتۇللا ھۇمەينىنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئىران قەتئىي ئۇرۇش قوزغىمايدۇ دەپ جاكارلىدى. چۈنكى ، ھازىر ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يادرو مەسىلىسىگە ئائىت زىددىيەت كۈنسايىن مۇرەككەپلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭدا ياخشىلىنىش كەيپىياتى شەكىللەنمىگەن ئىدى.

ئەمما شەنبە كۈنى ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات غەربنىڭ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى توختىتىش نەسىھەتلىرىنى ئويلىشىپ بېقىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىخەتەرلىك كېڭىشىمۇ ئىراننىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىشنى ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىراننىڭ ئالدى بىلەن ئۇران تاۋلاش پىلانىنى توختىتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران ئىسلامىي رەھبىرى خامەينىنىڭ ئىراننىڭ ئۇرۇش قوزغىمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىشى ۋە ئەخمەدى نىجاتنىڭ پوزىتسىيىسى ئىراننىڭ ئىلگىرىكى قاتتىق مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)