دۈشەنبە كۈنى، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللا ئەلىي خامەنىي ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خامەنىي "ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يادرو ئېنېرگىيىسى توغرىسىدا قارار بېرىپ بولدى"، دېگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىراندىن 31- ئاۋغۇست كۈنىگىچە ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمىسا، ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللا خامەنىي، ئىران دۆلەت ئاپاراتىدا ئەڭ كۈچلۈك كىشى ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىيۇن ئېيىدا ئىرانغا بىر تەكلىپ سۇنۇپ، ئەگەر ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتسا، بۇ دۆلەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ب د ت نىڭ باش كاتىبى كوفى ئانان يەكشەنبە كۈنى، ئىران ھۆكۈمىتىنى غەرب دۆلەتلىرى ، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەكلىپىگە ئىجابىي جاۋاپ قايتۇرۇشقا چاقىردى. كوفى ئانان، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ ھەم رايوننىڭ ھەمدە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)