رۇسىيە نۆۋەتتە ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇلىشىغا قارشى چىقتى

جۈمە كۈنى رۇسىيە، ئىرانغا دەرھال ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ھەرقانداق تەشەببۇسنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن توقۇنۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. رۇسىيە ۋە فرانسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، 31‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمىسا، ئىرانغا قارشى قاتتىق جازا قوللىنىش ئېھتىماللىقنى يوققا چىقاردى.

ئىران ھۆكۈمىتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزالىرى بولغان ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ۋە گېرمانىيىنىڭ ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئىككى بىسلىق جاۋاپ بەرگەن. مەزكۇر ئالتە دۆلەت ئىرانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر بۇ تەكلىپىنى رەت قىلسا، ئىرانغا قارىتا ئىمبارگو يولغا قويۇش توغرىسىدا قارار ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران سەيشەنبە كۈنى، ئالتە دۆلەتنىڭ تەكلىپىگە جاۋاپ بەردى. ئەمما ئىران تەكلىپنى رەت قىلمىغاندەك، ئۇنى قوبۇلمۇ قىلمىغان. سىياسىي مۇلاھىزچىلەر، ئىراننىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت تەكلىپىگە مەزكۇر ئالتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ مەسىلىدە بىر ئىختىلاپ چىقىشىغا سەۋەپ بولالايدىغان بىر جاۋاپ قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەت غەرب دۆلىتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇشىنى، ئەگەر ئىران 31‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمىسا، ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما رۇسىيە ۋە خىتاي بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، مەسىلىسىنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. (قانات)