ئىران ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش ئۈچۈن بەرگەن مۆھلىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسى، ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەر لەر گە قارىغاندا، ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەۋەتكەن مەخپى دوكلاتىدا، ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنغان مەزكۇر دوكلاتى، ب د ت نىڭ ئىرانغا قارىتا ئىمبارگو يولغا قويۇشىغا يۇل ئىچىشى مۇمكىن.

بىخەتەرلىك كېڭىشى، ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسى رەئىسى مۇھەممەت ئەلبارادايدىن، ئىراننىڭ 31‏-ئاۋغۇست كۈنى ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىپ-توختاتمىغانلىقى توغرىسىدا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە بىر دوكلات سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئىران ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرگە جاۋاپ بەرمىگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىرانغا قارشى جازا قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران پرېزىدېنتى مەخمۇت ئەخمەدىنىجات ئىران تېلېۋىزىيىسىدە سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىگە ئېرىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئىران بۇ مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدۇ، دېدى. (ئەقىدە)