ئىران ئۆزىنىڭ ئاتوم پروگراممىسىنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات 10 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا، ئىران ئۆزىنىڭ ئىززەت -ھۈرمىتى ئۈچۈن ئاتوم پروگراممىسىنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىدىن، ئىككىنچى قەدەمدە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو تەھدىتى ئوتتۇرا شەرققە يېتىش كېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى غولام ھۈسىيىن ئېلھام ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، گەرچە 'ئىران كەڭ دائىرىلىك قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قوراللارغا ، بولۇپمۇ يادرو قوراللىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ' دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شىمالىي كورىيە تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان قوراللار بۇنىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلىمىغان. (ۋەلى)