ئىران پرېزىدېنتى غەربنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
2006.10.23
ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇت ئەخمەدى نىجات دۈشەنبە كۈنى "ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئىراننى سىياسىي بېسىم ئارقىلىق يادرو پىلانىدىن ۋازكەچۈرۈمىز دەپ ئويلاۋاتقان بولسا، قاتتىق خاتالىشىدۇ"، دېگەن.
ئىران ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، ب د ت ئىرانغا قارشى ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا نۆۋەتتە فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش ئۈچۈن بىر قارار لايىھىسى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، لېكىن ئىران ھۆكۈمىتى، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.
ئىراندا يادرو مەسىلسى شۇنداقلا باشقا مەسىلىلەردە ئاخىرقى قارارنى بېرىدىغان كىشى ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللا خامەنى. لېكىن ئۇمۇ پرېزىدېنت ئەخمەدى نىجاتقا ئوخشاش ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىران يادرو پىلانىنىڭ ئېنېرگىيە قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ ئاساسلىق مەقسىدىنىڭ يادرو قورالغا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە، ئىرانغا قارشى قاتتىق ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش ئۈچۈن بىر قارار لايىھىسى تەييارلىماقتا. ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتسادىي شېرىكلىرى ھېسابلانغان رۇسىيە ۋە خىتاي بولسا، ئىرانغا قارشى ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇشقا قارشى چىقىۋاتىدۇ. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران ئۆزىنىڭ ئاتوم پروگراممىسىنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى خالايدىكەن
- ئىران ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئىران ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىرانغا قارشى ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش تەھدىتىنى تەنقىد قىلدى
- رۇسىيە نۆۋەتتە ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇلىشىغا قارشى چىقتى