ئىران پرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق ئىمبارگوغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.10.30

دۈشەنبە كۈنى ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇد ئەخمەدىنىجات "ئىران، يادرو پروگراممىسى سەۋەبىدىن ب د ت تەرىپىدىن ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق ئىمبارگوغا قەتئىيلىك بىلەن قارشى چىقىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەخمەدىنىجات تېھران ۋىلايىتىنىڭ پىشۋا شەھىرىدىكى بىر يېغىلىشتا بەرگەن باياناتىدا، بىز مەسىلە چىقىرىشنى خالىمايمىز، لېكىن بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق قارارغا قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىمىز، دېدى.

ئىران دائىرىلىرى ئاللىقاچان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرانغا قارشى يولغا قويولىدىغان ھەرقانداق ئىمبارگوغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى،ئەمما بۇ جاۋابنىڭ ماھىيىتىنى ئىمبارگو يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىراننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت قاتناش يولى ھېسابلانغان ھۆرمۈز بوغىزىنى توسايدىغانلىقى توغرىسىدىكى چىققان خەۋەرلەر خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولماقتا. لېكىن ئىران رەھبەرلىرى نېفىتتىن بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، غەرب دۆلەتلىرى، ب د ت نىڭ ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەلىبىنى رەت قىلغان ئىرانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى تىزلەتكەن بولسىمۇ، ئىران غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە پىسەنت قىلماي ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

ھەتتا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەنۇچھىر مۇتتەقى، ئىران ئىمبارگو تەھدىتىگە قارىماي، ئىران تاۋلاش تەتقىقات پائالىيىتىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.