ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن 5-دېكابىر كۈنى ئېچىلىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ، 5-دېكابىر كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان،

سېرگەي لاۋروپ يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلىشىدىكى سەۋەبنىڭ رۇسىيە بىلەن باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەنمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا. ئۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئاساسىي پىكىر ئىختىلاپى، ب د ت نىڭ ئىرانغا جازا قوللىنىش مەسىلىسىگە باغلىنىشلىق بولۇپ رۇسىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قاتتىق جازا قوللۇنىشىغا قارشى چىقىپ، مۇنداق قىلىشنىڭ ئىران مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئۈمىدۋار)