ئىران پرېزىدېنتى ب د ت نىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى
2006.12.24
شەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن جازالاش قارار لايىھىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىران پرېزىدېنتى مەخمۇد ئەخمەدى نىجات يەكشەنبە كۈنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئەخمەدى نىجات بىخەتەرلىك كەڭىشىنىنىڭ جازالاش قارارىنى " بىر پارچە قۇرۇق قەغەز "دەپ ئاتىغان ھەمدە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىخەتەرلىك كېڭىشى شەنبە كۈنى ئىرانگا جازا قوللىنىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلىشىنى توختىتىش، يادرو تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سەزگۈر ماتېرىياللار ۋە تەخنىكا ئۈسكۈنىلىرى سودىسىنى قامال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قاراردىن كېيىن ئىران ۋەكىلى لارىجانى نارازى بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ قارارنىڭ ئىرانغا نىسبەتەن ھېچ قانداق ئۈنۈم قازىنالمايدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن 5-دېكابىر كۈنى ئېچىلىدۇ
- ئىران پرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق ئىمبارگوغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئىران پرېزىدېنتى غەربنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئىران ئۆزىنىڭ ئاتوم پروگراممىسىنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى