ئىران ئەمەلدارى ئىراننى ئەيىبلىگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن پۇشمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2007.01.07

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەنگىلىيە گېزىتىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر ئۇچۇردا كۆرسىتىلگەن ئىسرائىلىيىنىڭ ھەقىقىي تۈردە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئاساسىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگىلىيە مەتبۇئاتى ئىسرائىلىيىنىڭ ئىككى ھاۋا ئارمىيە ئەترىتىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىغا ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئىسرائىلىيىنىڭ مەقسىتىنىڭ يەر ئاستى قورال بازىلىرىنى گۇمران قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بۇ ئۇچۇرنى رەت قىلغان.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈر بولۇپ، ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات بىر قانچە قېتىم ئىسرائىلىيىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ ئىسرائىلىيىگە قارىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىشكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.