ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات يەكشەنبە كۈنى غەرب مەملىكەتلىرى بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق يادرو پىلانىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ غالىبىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەخمەدى نىجات بۇ پىكىرنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يادرو پىلانى مەسىلىسىدە يول قويۇشنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يىغىنىدىكى ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.
ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ۋەكىلى لارىجانى يىغىندا تېھراننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆھبەت ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو پىلانلىرىنى كۆزىتىش ئورگىنى بىلەن بولغان تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھىسى تەييارلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى، ب د ت ئاتوم پىلانى ئورگىنى ئىراننى يادرو پىلانى بويىچە تەنقىد قىلىپ، ئىرانغا بېرىدىغان بىر قىسىم ياردەملەرنى توختىتىپ قويغان ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرى مىيۇنخېندىكى بۇ ئىككى كۈنلۈك دۇنيا بىخەتەرلىك يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئىران بىلەن نارەسمىي شەكىلدە سوھبەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)