ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو ھەرىكىتىنى توختىتىش تەلىپىنى يەنە رەت قىلدى
2007.02.20
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنى خەلقئارانىڭ ئىرانغا بولغان يادرو ھەرىكىتىنى توختىتىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى.
سەيشەنبە كۈنى، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاد ئىراننىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان گىلاندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، پەقەت باشقا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئۇران تاۋلاش ھەرىكىتىنى توختاتقاندىلا، ئاندىن ئىرانمۇ توختىتىدۇ - دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىراننىڭ مەيدانىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ، يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى شەرتسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەر زامان تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇندىن ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراندىن 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئۇران تاۋلاش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئىران دەل بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نىڭ يادرو ھەرىكىتىنى توختىتىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى.
ئۆتكەن يىلىمۇ ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپىگە بويسۇنمىغان ھەمدە مەزكۇر سەۋەب تۈپەيلىدىن، ب د ت تەرەپتىن بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازاغا دۇچ كەلگەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران سۆھبەت ئارقىلىق يادرو پىلانىنى ساقلاپ قالماقچى
- ئىران ئەمەلدارى ئىراننى ئەيىبلىگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن پۇشمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئىران پرېزىدېنتى ب د ت نىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى
- ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن 5-دېكابىر كۈنى ئېچىلىدۇ
- ئىران پرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق ئىمبارگوغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى