ئىران پرېزىدېنتى يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2007.02.23

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى ب د ت غا ئىران خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇران تاۋلاشنى توختىتىش ھەققىدىكى تەلىپىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە شۇنىڭدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەخمەدى نېجات جۈمە كۈنى ئىران تېلېۋىزىيىسىدە سۆزقىلىپ، ئىران غەرب ئەللىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، يادرو مەشغۇلاتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى ۋە ئىراننىڭ قارشىلىقى ئالدىدا غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ تەلىپىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا بەرگەن ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتىنى توختىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى چارشەنبە كۈنى توشقان ئىدى. شۇ كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات يوللاپ، ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئىراننىڭ يادرو مەشغۇلاتىنى توختىتىشىغا 60 كۈنلۈك سۈرەك بەرگەن شۇنداقلا ئەگەر يادرو مەشغۇلاتىنى توختاتمىسا، ئېغىر ئىمبارگوغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو قوراللار ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بارلىقىنى ئەسكەرتسىمۇ، لېكىن ئىران يادرو مەشغۇلاتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 ئەزا دۆلەت بىلەن گېرمانىيە، دۈشەنبە كۈنى لوندوندا ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.